داۋۇتئوغلۇ: تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردۇق

باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

432397
داۋۇتئوغلۇ: تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردۇق
ahmet davutoğlu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيەدىكى ئەزىز ۋە ئەتراپىدا خەتەرلىك ھالەتكە كېلىپ قالغان ي پ گ غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ ئەرزىنجاندىكى زىيارەتلىرىدىن كېيىن، ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ گۇماشتىسى بولغان ۋە رۇسىيەنىڭ خەلقنى بومباردىمان قىلىشىغا يانتاياق بولغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەزىزگە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ئەسنادا ئۇلار چېگرايىمىزغا خىرس قىلدى. بىز قاراپ تۇرالمايتتۇق، قائىدە بويىچە ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك ئىدى. بىز ئەزىز ۋە ئەتراپىدىكى بۇ خەۋپلەرگە زەربە بەردۇق.»

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان داۋۇتئوغلۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «جو بايدىنغا بۇ ئەھۋاللارنى ئوچۇق بايان قىلدى. ئىستانبۇل زىيارىتى ئەسناسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان مەسىلىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتتۈق. تۈركىيەگە نىسبەتەن ي پ گ بىلەن ي ي د بولسا پ ك ك نىڭ گۇماشتىلىرىدۇر. شۇڭا ئۇلار بىز زور خەۋپتۇر. شۇڭا بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك.»

داۋۇتئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ي پ گ ئەزىز بىلەن ئەتراپىدىن يىراقلىشىدۇ. ئەزىزنىڭ يېنىغىمۇ يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇلار ئىككىنچىلەپ ھۇجۇم قوزغىيالمايدۇ. مىنناك ئايرودۇرۇمىدىن تۈركىيەگە بىلەن ئۆكتىچىلەرگە قارشى ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن پايدىلىنالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بايدىنغا دېدىم.»

تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ تولىمۇ پىرىنسىپچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن داۋۇتئوغلۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «2 مىليون 600مىڭ قېرىندىشىمىزغا كەڭ قۇچاق ئاچتۇق، تېخىمۇ كۆپ كەلسە ئىشىكىمىز ئەلۋەتتە ئوچۇق، بىراق بەزىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپانى بىئارام قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش مۇساپىرلار دولقۇنىغا سەۋەب بولۇپ، مىڭلارچە، ئونمىڭلارچە ئىنساننى بومباردىمان قىلىشىغا قارىتا خەلقئارالىق جەمئىيەت سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر