ئامېرىكا تۈركىيە گېزىتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى» بىلەن «‹يېڭى ئاقىد› گېزىتى» گە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، گېزىتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەركىن مەتبۇئاتلارنىڭ دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «(‹يېڭى شەپەق› گېزىتى) بىلەن (‹يېڭى ئاقىد› گېزىتى) ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپى ھېس قىلماستىن ئەركىن – ئازادە خەۋەر تارقىتالىشى شەرت.»
ئىستانبۇلدا «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى» بىلەن «‹يېڭى ئاقىد› گېزىتى» 10 - فېۋرال چارشەنبە كېچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.