ئامېرىكا خەلقى نويابىر ئېيىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلاندى

ئامېرىكىدا نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن باشلانغان 2 – قېتىملىق تەييارلىق سايلاملار يېڭى خامپشېر ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

430405
ئامېرىكا خەلقى نويابىر ئېيىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ خامپشېر ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سايلامدا، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن دونالد چامپ، دېموكراتلاردىن بېرنى ساندېرس چوڭ پەرق بىلەن ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى. مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان دونالد چامپ، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، %35 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزات نامزاتى بېرنى ساندېرس %60 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. ساندېرس ئامېرىكا تارىخىدا ئىشتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق سايلامدا ئۇتۇق قازانغان ۋە بىردىنبىر خىرىستىيان بولمىغان سىياسەتچى بولۇپ قالدى. دېموكراتلارنىڭ يەنە بىر نامزات نامزاتى ھىلارى كلىنتون %20 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ساندېرسنىڭ ئالدىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

يېڭى خامپشېر ئىشتاتىدىن كېيىنكى تەييارلىق سايلام 20 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دېموكراتلار 20 – فېۋرال نېۋادا ئىشتاتىدا «پارتىيە يىغىنى» ئۇسۇلى بىلەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر