خىتاي ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە

ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

423954
خىتاي ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
10-11/Files/UploadedImages/1567923298xi.jpg

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

يەمامە سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئىككى رەھبەر ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان پەن – تېخنىكا، تەتقىقات ۋە ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

رەھبەرلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېيىن مىسىر ۋە ئىراندا زىيارەتتە بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر