ئوباما: دائېشقا قارشى كۈرەش ئىزچىل داۋاملىشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما پارىژ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرى بىلەن يىغىن چاقىردى.

422687
ئوباما: دائېشقا قارشى كۈرەش ئىزچىل داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوباما، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوباما، پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقىنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بىرەر تەھدىت ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر