ھىندىستان خىتاينى مالاككا بوغۇزىغا كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىۋاتىدۇ

پاكىستان مىللىي بىخەتەرلىك كاتىپى مۇھەممەد سادىق: «ھىندىستان مالاككا بوغۇزى دېڭىز تەۋەلىكىگە خىتاينىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

411866
ھىندىستان خىتاينى مالاككا بوغۇزىغا كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مىللىي بىخەتەرلىك كاتىپى مۇھەممەد سادىق ئىسلامئابادتا «غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى گېئوئستراتېگىيەلىك مەنزىرە ۋە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان» تېمىلىق كونفېرانستا لېكسىيە سۆزلىدى.
ئۇ لېكسىيەسىدە، ھىندىستاننىڭ چېگرا ئىختىلاپىدا خىتاينىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مالاككا بوغۇزىغا خىتاينى كىرگۈزمەسلىكنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بولسا، ھىندىستاننىڭ تەھدىتىگە قارشى ئەرەب دېڭىزىدىكى گۋادار پورتىغا ئورۇنلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىگە قارشى بېلۇجىستاندىكى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى قوللاپ، گۋادار پورتى لايىھەسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ پاكىستاننىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغاندا: «پاكىستان كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك» دەيدۇ ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمى ياخشى ئىلگىرىلەش.»
ئۇ لېكسىيەسىدە، ئىران بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتى (GCC) ئارىسىدىكى يىرىكچىلىكنىڭ ئوتتۇرا شەرق ھەمدە ئۇنىڭ سىرتىدا مەزھەپ ئايرىمىچىلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال كونترول قىلىنمىغان ئەھۋالدا يىرىكچىلىكنىڭ باشقا رايونلارغىمۇ كېڭىيىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى مەسىلىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كەسكىن ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى رايوندا خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ۋىيېتنام، فىلىپپىن بىلەن كېلىشەلمەسلىكى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»
پاكىستان بېلۇجىستان ئىشتاتىدىكى گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر