ئامېرىكا ساقچىلىرى 7 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ قوللىرىنى تەتۈر باغلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىشىگېن ئىشتاتىنىڭ فلىنت شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ 7 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغىچىسىنىڭ قوللىرىنى قايرىپ، ئارقىغا قىلىپ ئىشكەل سېلىشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ NBC› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلارنىڭ Cameron McCadden ئىسىملىك 7 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قولىغا ئىشكەل سېلىشىغا، ئۇنىڭ باغچىدىكى قول ھارۋىسىنى تېپىشى سەۋەبچى بولغان. تېلېفون ئارقىلىق مەكتەپكە چاقىرتىلغان بالىنىڭ ئانىسى Chrystal McCadden ساقچىلاردىن بالىسىنىڭ قوللىرىغا نېمە ئۈچۈن ئىشكەل سېلىنغانلىقىنى سورىغاندا، ساقچىلار ئۇنىڭغا: «بالىڭىز ئۆزىگە ۋە باشقا بالىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى بالىڭىز ئۆزى ئۈچۈنمۇ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ خەۋپلىك» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋەقە مەكتەپ ئائىلىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، مەزكۇر بالىغا قوللىرىنى قايرىپ، ئارقىغا قىلىپ ئىشكەل سالغان ساقچلار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، فلىنت شەھەر باشلىقى James Tolbert بۇ ۋەقە تۈپەيلى ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھەم بالىنىڭ ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.