رۇمىنىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 27 كىشى ئۆلدى

رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۈكرەشتىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ئۆلدى، 180 كىشى يارىلاندى.

360733
رۇمىنىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 27 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تولغۇما ئۇسۇل كونسېرتى بېرىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن پارتلاش جەريانىدا بەزمىخانىدا 400 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىكەن.
رومنېيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رائېد ئارافنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قىستا – قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ، دەسسىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئونلارچە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، ۋەقە ھاۋايى فىشەك تۈپەيلى كېلىپ چىققان. ۋەقەدىن كېيىن رومنېيە سەھىيە مىنىستىرلىقى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قان تەقدىم قىلىشقا چاقىرغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر