خىتاي ئامېرىكا ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.

402612
خىتاي ئامېرىكا ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئەلچىسىنى ‹بىر ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بېيجىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بىر سۈنئىي ئارالغا يېقىنلاشقانلىقى› غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مىنىستىرلىققا چاقىرتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى جاڭ يېسۈي ئامېرىكا ئەلچىسى ماكس بوكاسقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ قايتا – قايتا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ،ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىشىغا دائىر باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر