نېگىرىيەدە 2 جامە ناماز ۋاقتىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 10 مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

398546
نېگىرىيەدە 2 جامە ناماز ۋاقتىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:نېگىرىيەدە 2 جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 45 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
دەسلەپكى ھۇجۇم نېگىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مادۇگۇرى شەھىرىدە بىر جامەدە ئەتىگەن بامدات نامىزى ۋاقتىدا يۈز بەردى. ھۇجۇمدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىككىنجى قېتىمقى ئادامئاۋا ئۆلكىسىدىكى ھۇجۇم، پىشىن نامىزى ۋاقتىدا يۈز بەردى. ۋەقەدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يۈزلىگەن كىشى يارىدار بولدى.
ھۇجۇمنىڭ بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
نېگىرىيە 160 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى بولۇپ، بوكو ھارام تەشكىلاتى 2000 – يىلىدىن تارتىپ نېگىرىيەدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 10 مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر