فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

386419
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاند پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىش بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئېلىيسى سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
فىرانسىيە دىپلوماتىك مەنبەلەرگە كۆرە، ئۇچرىشىشتا ئولاند پۇتىندىن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشىلا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
فىرانسىيە يەنە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىكەن.
پارىژ يەنە موسكۋادىن سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىشى نىشان قىلىنغان بىر ئۆكتىچى سىياسىي باسقۇچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدە رۇسىيەنىڭ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
بۇ ئارىلىقتا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل دۇنيا رەھبەرلىرىنى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
مېركېل، ئىككى گېرمانىيە بىرلەشكەنلىكىنىڭ 25 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھاگلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، رۇسىيە ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغىلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپاغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىلىقمۇ توختالغان مېركېل، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زامانغا ۋە سەۋر – تاقەتكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە، بۇنىڭ پەقەت گېرمانىيە ياكى ياۋروپالا ھەل قىلالايدىغان مەسىلە بولماستىن، ئەكسىچە يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر