مالىدا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

مالىنىڭ نىگېر دەرياسىدا 92 ئادەم ئولتۇرغان بىر كېمە چۆكۈپ يۈك ئېغىرلىقى تۈپەيلى چۆكۈپ كەتتى.

373761
مالىدا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ نىگېر دەرياسىدا 92 ئادەم ئولتۇرغان بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 18 ئادەم ئۆلدى، 4 ئادەم يۇقاپ كەتتى، 70 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى.

كېمە نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن ئېغىرلىق تۈپەيلى چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

مۇناسىۋەتلىك خادىملار يۇقاپ كەتكەن يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مالىدا قۇرۇقلۇق قاتنىشى مۇشەققەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئادەتتە ئادەم توشۇپ كېتىدىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، دەريا ئارقىلىق سەپەر قىلىش يولىنى تاللايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر