خەۋپسىزلىك كېڭىشى ب د ت قىسىملىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندىكى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى.

338353
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ب د ت قىسىملىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى، لىۋان – ئىسرائىلىيە چېگراسىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىنىڭ مۇددىتىنى «لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى» سەۋەبى بىلەن 2016 – يىلى 31 – ئاۋغۇستقىچە ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى. قارارنامىدە، بارلىق تەرەپلەرگە دۈشمەنلىككە خاتىمە بېرىش، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلىندى. 2006 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندىكى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەسسە قوشقان تۈركىيە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۆتكەن ئاي قارار ماقۇللاش ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر