بىرازىلىيەدە پىرېزىدېنتقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرازىلىيەدە ئون مىڭلارچە كىشى پىرېزىدېنت دىلما رۇسېفقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

330472
بىرازىلىيەدە پىرېزىدېنتقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئون مىڭلارچە كىشى پىرېزىدېنت دىلما رۇسېفقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار رۇسېفنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بىرازىلىيەدە مارت ۋە ئاپرېل ئايلىرىدىمۇ ئون مىڭلارچە كىشى رۇسېفقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى. ئۆكتىچىلەر پىرېزىدېنتلىقىنىڭ ئىككىنچى مەزگىلىدە خەلقنىڭ قوللىشىدىن بارغانچە ئايرىلىپ قالغان رۇسېفنى، ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىپ بېرىشىنىڭ جاۋابكارى بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
راي سىناشتا رۇسېفنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىدىن بارغانچە ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنىڭ رۇسېفنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر