يەمەندە 2 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

يەمەندە 2014 – يىلى پايتەخت سەنئانى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھۇسىيلارغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يېقىنقى ئالتە ئايلىق ئېتىشىشلاردا تەخمىنەن 2 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

314810
يەمەندە 2 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلە تەشكىلاتى) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى جەجىل پوۋلى يەمەندە 27 – مارتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 1916 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان جەجىل پوۋلى توقۇنۇشلاردا يەنە، 4 مىڭ 186 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادرىيان ئېدۋارد 27 – مارتتىن باشلاپ تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەمنىڭ يەمەندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەمەندە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى جىددىي ئىشلاردا ئىشلىتىش فوندى دائىرىسىدە كېرەكلىك بولغان 105 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ پەقەت %23 نىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر