ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو قويدى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، بەزى شىركەت ۋە كىشىلەرگە يېڭى ئېمبارگو قويدى.

309117
ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرىم ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ 11 پۇقراسى ۋە 15 شىركىتىگە يېڭى ئېمبارگو قويدى.
ئېمبارگو قويۇلغان كىشىلەر ۋە شىركەتلەر ئارىسىدا، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېمبارگو قويۇلغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلار ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ بۇرۇنقى رەھبەرلىرى، قىرىمدا پورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار، رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بولغان «روس نېفىت» ۋە بەزى مىنىستىرلارمۇ، بۇ قېتىمقى ئېمبارگونىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بېسىملارنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر