ياۋروپا دۆلەتلىرى دائېشنىڭ تور ھېسابلىرىنى تاقىۋېتىدىغان بولدى

ياۋروپا دۆلەتلىرى دائېشنىڭ تور ھېسابلىرىنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

314159
ياۋروپا دۆلەتلىرى دائېشنىڭ تور ھېسابلىرىنى تاقىۋېتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنى ۋە قوللىغۇچى يىغىشىغا توسالغۇ بولۇش مەقسىتىدە ياۋروپا مىقياسىدا يېڭى بىر ساقچى ئورگىنى ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقچى تەشكىلاتى ياۋروپول دائىرىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئورگان ، تىۋىتتېردا 1 مىليون تىۋېت ئورتاقلىشىش كۈچى بولغان دائېشقا سىبەر ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىماقتا.
گوردىئان گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائېشنىڭ تىۋېتتېر ئارقىلىق 45000 -50000 ئارىسىدا ھېساباتنى تىزگىنلىۋالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ھېساباتلار تەشكىلات سېپىغا مىلىتان كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
1-ئىيۇلدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغان ئورگان، تور ئانالىزى ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەتكۈچىسى ۋە ئەگەشكۈچى كۆپ بولغان ھېساۋاتلىرىنى ئەڭ بۇرۇن تاقىۋېتىدۇ. قايسى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر