خىتاي-ئامېرىكا تېخنولوگىيە ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان تېخنولوگىيە ئۇرۇشى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

308413
خىتاي-ئامېرىكا تېخنولوگىيە ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

بۇ ھەپتە بېشىدا خىتايغا چېتىشلىق بولغان كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئارمىيە ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىغا تەۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان تېخنولوگىيەلىك ئۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
ئامېرىكىدىكى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىنى مونوپۇل قىلىۋېلىشى ھازىرقى كۈندە ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس. بىراق دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتايدىكى بەزى تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئامېرىكىلىق رەقىبلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويماقتا. بۇلتۇر 25 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ خەلققە ئېچىۋېتىلگەن شىركەت ئالىبابا، ئىنتېرنېت سودا ساھەسىدە ئامېرىكىلىق رەقىبلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ دۇنيادا بىرىنچىلىككە ئۆتتى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتايدا 649 مىليون ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بار بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سودىسى بازىرىنىڭ قىممىتى 2 تىرىليون دوللار بولۇپ، بۇ ئەھۋال پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ئادەتتىكى بىر خىتاي پۇقراسى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا يېڭى كۈنىنى قولىدىكى ئەقىللىق تېلېفون شىياۋمى ئېكرانىدىن كۈندىلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈش ۋە ئۆز-ئارا ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق باشلايدىغان ھالەتكە كەلدى. قولىدىكى ئىككىنچى تېلېفونىنى ئىشلىتىپ 2 تىرىليون دوللارلىق ئىنتېرنېت سودىسى بازىرى ئويۇنچىسى تاۋباۋدىن ئېھتىياجلىق بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىدۇ.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلخەتلىرىنى 163. com دىن كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئايرۇپىلان بېلىتى ئالماقچى بولسا Ctrip نى ئىشلىتىدۇ. دۇنيا تېخنولوگىيەلەردىن بولغان Google,Twitter, Facebook, Instagram, YouTube ۋە Wikipedia خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن خىتاي تەۋەلىكىدە ئىشلىتىش چەكلەندى. داڭلىق خىتاي ئارتىسى ياۋ چېننىڭ Weibo دا 78 مىليون ئەگەشكۈچىسى بار. يەنى Twitter دا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان Katty Parry نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن 8 مىليون كۆپ كىشى خىتاي ئارتىسى ياۋ چېنغا ئەگىشىدۇ.
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتورى بولغان Google نىڭ بازار قىممىتى 359 مىليون دوللار بولغان بولسا، خىتاي رەقىبى Baiduنىڭ قىممىتى 71 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى Facebook ئەڭ چوڭ سۈپىتىدە Twitter نى كۆرىدىغان بولسا، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى Tencent نىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت سودا تور بېتى گۇرۇھى ئالىبابا 219 مىليارد دوللارلىق قىممىتى بىلەن، ئەڭ چوڭ رەقىبى Amazon نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. Amazon نىڭ بازار قىممىتى 198 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر