چىلىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى.
301145
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت سانتىياگودا كوچىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
ھەقسىز ئوقۇش مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯘ ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى.
دۆلەتلىك مەكتەپلەردىكى مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى، خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قىممەتلىكى ۋە تەييارلىقسىز دەرسكە كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خاتىرىلىنىدىغان دۆلەتتىكى مائارىپ سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇدا بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718449552)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.