سۈرىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟

سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن جەيشۇل ئىسلام، ئەدلىيە مىنىستىرى نەجم ھامىد ئەل ئەھمەدنى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

300064
سۈرىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تېلېۋىزىيە قانىلى بولسا بۇ خەۋەرنى رەت قىلىپ، ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى، تېلېۋىزىيە قانىلىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەل مانار تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىران سۈرىيەدە ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، «سۈرىيەدە ئىران ئەسكەرلىرى يوق، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۈچى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا يېتىدۇ» دېدى.
كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سۈرىيەلىك مەنبەلەر، ئىراننىڭ سۈرىيەگە 7 مىڭ كىشىلىك ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر