مىسىردا يەنە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

مىسىردا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئەسكەر ئۆلدى.

297818
مىسىردا يەنە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن 2 ۋەقەدە 1 ئەسكەر ئۆلدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا بىر كونترول ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلار بىر ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بىر ئەسكەرنى يارىلاندۇردى.
غەززە چېگرىسىغا يېقىن جايدا ھەربىي ئاپتوموبىللار يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلتىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئەسكەر يارىلاندى.
رايوندا مىسىر ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بەيتۇل ماقدىس دوستلىرى گۇرۇھى، تېررور تەشكىلاتى دائېشقا بەيئەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر