خىتاي ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

295815
خىتاي ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېرنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان ‹دېڭىزنى تولدۇرۇش› پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا جاۋاب بەرگەن بېيجىڭ دائىرىلىرى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، تاشقى كۈچلەرنىڭ خىتايغا ئۆز تەۋەلىكىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ۋاشىنگتوننى رايوندا مەسىلە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ، خىتاي بەرپا قىلغان ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماي، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان قۇتراتقۇلۇق ۋە ئىغۋاگەرلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خۇا چۇنيىڭ، «خىتاي ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزى چىقىرالايدۇ. ھېچكىمنىڭ خىتايغا قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىش ھەققى يوق» دېدى.

باياناتچى خۇا، خىتاينىڭ چوڭ كۈچكە يارىشىدىغان ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ سالاھىيىتى ئومۇمەن مۇقىمدۇر. لېكىن، بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ شەخسىي غەرەزلىرى ئۈچۈن، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە دېڭىزلاردىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغا دەخلى قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر تۈنۈگۈن تىنچ ئوكياندىكى بارلىق دۆلەتلەرنى دېڭىزنى تولدۇرۇش ئارقىلىق زېمىنغا ئىگە بولۇش پىلانىغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرغانىدى. كارتېر يەنە، ئامېرىكا جاسۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن يول قويغان ھەر قانداق يەردە ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

تەيۋەن، خىتاي، بىرۇنېي، مالايشىيا، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللار تىزمىلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىدا ھەققى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دېڭىزنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە بېلىقچىلىق جەھەتتە باي زاپاسقا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

خىتاي، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئاساسلىق بۆلۈمىدە ھەققىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، زېمىن دەۋالىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر