قازاقىستاندا سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى باشلاندى

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا باشلاندى.

288364
قازاقىستاندا سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ 27-ماي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ قاتناشقانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قازاقىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئاستىدا باشلانغان ئۇچرىشىشلارنىڭ، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، سۈرىيەدە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ تىنچلىقنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بۇنى پەقەت سۈرىيەلىكلەرنىڭلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىنىڭ، كۆپىنچىسى ياۋروپادىن كەلگەن سۈرىيەلىك كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ چەكلىك ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ب د ت رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدە تۆت يىللىق ئىچكى ئۇرۇش 220 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر