«ئامېرىكا ئىراقتا ئى ش ئى د گە يېڭىلمىدى»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دۆلىتىنىڭ ئىراقتا ئى ش ئى د گە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا يېڭىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

284576
«ئامېرىكا  ئىراقتا ئى ش ئى د گە يېڭىلمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما، «‹ The Atlantic › ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئوباما، «رامادىنىڭ قولدىن كېتىشى بىلەن ئامېرىكا ئى ش ئى د گە يېڭىلگەن بولامدۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ياق، ئامېرىكا يېڭىلدى دەپ قارىمايمەن. ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىز تەربىيەلىگەن كۈچلەر ئەمەس، شۇڭا رامادى ئۇزۇندىن بۇيان مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى، ئەمما رامادىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى تارىخىي چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى. ئوباما، باشقا بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «مېنىڭ ئىراقتىن ئالغان ئاچچىق – ساۋاقلار مەسىلىسىدىكى قارىشىم ناھايىتى روشەن. مېنىڭچە، ئىراققا كىرىش خاتا ئىدى» دېدى. ئوباما، ۋاشىنگىتوننىڭ ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىراق ئەگەر ئىراق خەلقى ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلمىسا، بىز ئۇلار نامىدىن ئۇرۇش قىلالمايمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر