ئىراننىڭ ئامېرىكا پاراخوتىغا ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

پېنتاگون، ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئامېرىكا پاراخوتىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى.

254393
ئىراننىڭ ئامېرىكا پاراخوتىغا ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى - پېنتاگون باياناتچىسى ستېۋ ۋاررېن، ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇرمۇز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا يۈك پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بېرىپ، «ۋەقە مارشال ئاراللىرى بايرىقى قادالغان بىر پاراخوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ پاراخوتتا ئامېرىكا پۇقرالىرى يوق ئىدى» دېدى.

پېنتاگون باياناتچىسى ۋاررېن، سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېۋىزىيە قانىلى ‹ئەلئەرەبىييە› تارقاتقان خەۋەرگە ئىزاھات بېرىپ، ئىراننىڭ ئۆز تەۋەلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتقان دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش ئوقىغا پەرۋا قىلمىغان پاراخوتنىڭ، ئىككىنچى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلغاندىن كېيىن كۆرسەتمىلەرگە رىئايە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ پاراخوتقا چىققانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋاررېن، ۋەقەدە ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى، مەزكۇر پاراخوتتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يوقلۇقىنى، پاراخوتتىن قۇتقۇزۇش چاقىرىقى تاپشۇرۇۋالغان رايوندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىقىنىڭ ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بىر زەربىدارلار پاراخوتى بىلەن بىر ئاۋىئاماتكا يوللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېۋىزىيە قانىلى ‹ئەلئەرەبىييە»، «ئىران ئارمىيەسى ئامېرىكا يۈك پاراخوتىنىڭ ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتتى، ئارقىدىن پاراخوتقا چىقتى» دەپ خەۋەر تارقاتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر