«ئادالەت بولمىسا تىنچلىقمۇ يوق»

ئامېرىكىدا ساقچى زوراۋانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

250729
«ئادالەت بولمىسا تىنچلىقمۇ يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مارىيلەند ئىشتاتىنىڭ بالتىمورې شەھىرىدە مىڭلارچە ئادەم، 12-ئاپرېلدا يېنىدا پىچاق ئېلىپ مېڭىش بىلەن ئەيىبلىنپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ساقچىلارنىڭ زواۋانلىقى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان قارا تەنلىك ياش فىرېد گىرېي ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
سائەتلەرچە داۋاملاشقان تىنچلىق نامايىشىدا نامايىشچىلار «ئادالەت بولمىسا تىنچلىقمۇ يوق»، «فىرېدد ئۈچۈن ئادداقىچە كۈرەش قىلىمىز»، «فىرېد ئۆلمەسلىكى كېرەك ئىدى» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشنىڭ ئاخىرىدا نامايىشچىلار جىجمىت تارقالغان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم نامايىشچىلار ساقچى ماشىنىلىرى ۋە دۈككانلارنىڭ دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتتى، ساقچىلار بولسا ئۇلارغا پىلاستىك ئوق چىقاردى. ۋەقەلەردە ئەڭ ئاز 12 ئادەم يارىلاندى.
گىرېينىڭ قوش كېزەك ئىنىسى فىرېدېكا گىرېي مۇنداق دېدى: «ئۆتۈنۈپ قالاي، زوراۋانلىقنى توختىتىڭلار، فىرېد گىرېي مۇنداق قىلىشىڭلارنى ھەرگىزمۇ خالىمىغان بولاتتى، ئاتا-ئاناڭلارمۇ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۆرگۈسى يوق. ئادالەتنى زواۋانلىق بىلەن بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ.»
بۇ ئارىلىقتا فىرېد گىرېنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ساقچىنىڭ 1-مايدا سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ئىشتات تەپتىش خادىملىرىغا بېرىلگەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ جازالىنىپ جازالانمايدىغانلىقىغا قارار بېرىلىدۇ.
ئۆتكەن ئايدىمۇ فېرگۇسون بىلەن نىيۇيوركتا سادىر بولغان بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكىدا ئەدلىيە تۈزۈمى ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار پەيدا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر