ئەسەد قىسىملىرى 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى ۋرىل بومبىلىرى ئىشلىتىپ 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

250348
ئەسەد قىسىملىرى 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى جىسىر ئەش شۇغۇر ناھىيەسىگە ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىزگىنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان ناھىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، يەنە ئونلارچە ئادەم يارىلانغان.
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمدا ۋارىل بومبىسىمۇ ئىشلەتكەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىدلىبنىڭ غەربىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جىسىر ئەش شۇغۇر ناھىيەسى، شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىغا ئۆتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر