ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ئائىت ئايروپىلاننىڭ يەمەنگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى ۋەكالەتچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.
249509
![ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/8573833527iransuudiarabistan.jpg?time=1719225647)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ۋەكالەتچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، تېھراننىڭ نارازىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.