ياۋروپا مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا كېڭىشى مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى.

238108
ياۋروپا مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى.
ياۋروپا كېڭىشى مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد بەدىئى بىلەن 13 نەپەر تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى.
ياۋروپا كېڭىشى باياناتچىسى جان فىشەك مىسردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان فىشەك مۇنداق دېدى: «ئۆلۈم جازاسى قايسى يەردە بېرىلىشتىن قەتئىينەزەر بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشىمىز.»
47 دۆلەت ئەزا بولغان ياۋروپا كېڭىشى ئەزالىق ۋە ئورتاق ئەزالىق ئىلتىماسلىرى قىلغان دۆلەتلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. كېڭەش يەنە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئامېرىكىغىمۇ بۇ جەھەتتە بېسىم قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر