ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى

قاتاردا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

234458
ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ بارماقتا. رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتاردا مۇزاكىرە قىلىندى.
قاتاردىكى يىغىندا سۆز قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن دائېشنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.
بان كىمۇن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دائېشقا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ شەكىللىنىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن شارائىتلارنىڭ تۈگىتلىشىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. باش كاتىپ يەنە يەمەننىڭ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇسىلەرنىڭ يەمەننى تىزگىنلىۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇن: «يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.
بان كىمۇن پەلەستىندە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي كىرزىستىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر