ئەرمەن لايىھەسى ئامېرىكا كونگرەسىدە يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەن دەۋالىرىنى قوللىغان قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

272124
ئەرمەن لايىھەسى ئامېرىكا كونگرەسىدە يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونگرەسىدە ئەرمەنلەر لوبىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزاسى روبېرت دولد، داۋىد پالاداۋ، دېموكرات پارتىيە فرانك پاللون ۋە ئادام سچىف تەرىپىدىن سۇنۇلغان لايىھە، پىرېزىدېنتنى 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان لايىھەدە: «ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى قوللىغان لايىھە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى، ‹ئەرمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› غا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تولۇق ئېتىراپ قىلىنغان، بىتەرەپ، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىدىغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈركىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەشكە چاقىرىدۇ» دېيىلدى.
بۇ لايىھە ئالدى بىلەن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ئەگەر تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا تەستىقلانسا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جۇمھۇرىيەتچى جون بوھېنىر خالىسا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنىدۇ. ئەمما قارار قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. ھازىرغىچە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 46 ئەزاسى قوللىغان لايىھەنىڭ كومىتېتتا قاچان مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر