تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرنى يەنە يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرگە ئىزچىل ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە.

266476
تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرنى يەنە يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى، باش مىنىستىرلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سودا-سانائەتچىلەر لازىقىيە ۋە ئىدلىبتىكى سۈرىيەلىكلەرگە 4 يۈك ماشىنىسى ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
ياردەم بۇيۇملىرىنى سۈرىيە تەرەپكە تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان مۇھەممەد كۆمۈرجۈ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا، 6000 ئەدىيال، 25مىڭ يۈرۈش كىيىم-كىچەك، 150 كىلو پىچىنە-پىرەنىك، 250 كارۋات، 4 توننا سۈت ۋە 285 چېدىر تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ھاتاي يايلاداغ چېگرىسىدىكى سۈرىيە زېمىنلىرىغا يېقىن جايدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان كۆمۈرجۈ، يۈزلەرچە ئىنساننىڭ يېزىلىرىنى تاشلاپ بىخەتەر جايلارغا كۆچۈپ كەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ياردەم بۇيۇملىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىگەن كۆمۈرجۈ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تۈرك دۆلىتى ۋە مىللىتىدىن رازى بولسۇن، بىز بىلەن نانلىرىنى ئورتاقلاشتى. رايوندا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشمەكتە. كىشىلەر قىيىن ئەھۋال تۇرماقتا. يېمەك-ئىچمەككە جىددىي ئېھتىياجىمىز بار. بارلىق ياردەمسۆيەرلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر