خىتايدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى باشلاندى

خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي مېخانىزملىرىدىن بىرى بولغان 13 - نۆۋەتلىك خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتلىك كومىتېت يىغىنلىرى باشلاندى.

246591
خىتايدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى باشلاندى.
خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي مېخانىزملىرىدىن بىرى بولغان 13 - نۆۋەتلىك خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتلىك كومىتېت يىغىنلىرى باشلاندى.
بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا جايلاشقان خەلق چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئېچىلىىشىغا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسي بىيۇرو ئەزالىرىدىن باشقا يەنە سابىق ۋاسكېتبول چولپىنى ياۋ مىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ تەنتەربىيە ۋە سەنئەت ساھەسىنىڭ ئاتاقلىق شەخىسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 2153 ۋەكىلنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر