خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا 2 مىليارد800 مىليون ئادەم قېتىم كۆچىدۇ

خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە 2 مىليارد800 مىليون ئادەم قېتىم كۆچىدۇ

220918
خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا 2 مىليارد800 مىليون ئادەم قېتىم كۆچىدۇ

خىتايدا چاغان مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق كۆچۈش ھەرىكىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. بۇ يىلقى چاغاندا تەخمىنەن 2 مىليارد800 مىليون ئادەم قېتىم كۆچۈش بولغان. بۇ يىل بېيجىڭ پويىز ئىستانىسىدىن تەخمىنەن 4 مىليون 200مىڭ كىشى سەپەر قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 5% ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن سەپەر قىلىدىغانلارمۇ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆپ بولۇپ، كۈندە 300مىڭ كىشى كېلىپ كېتىدىكەن.
خىتايدا باھار بايرىمى كۆچۈش دولقۇنىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نوپۇس كۆچۈش دولقۇنى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سەپەر سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا چاغان بايرىمى ھارپىسىنىڭ ئالدى- كەينىدە قاتناش ساھەسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلار كۆرۈلمەكتە ۋە جەمئىيەت زور بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر