كوسوۋا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن بۇيان سېربىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ كەتكەن كوسوۋا پۇقرالىرى سانىنىڭ 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋا پاناھلانغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى.
كوسوۋا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسكەندەر ھەيسەنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ بارغان كوسوۋا پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسكەندەر ھەيسەنى تېخىمۇ ياخشى تۈرمۈش شارائىتى ئىزدەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قانۇنسىز شەكىلدە بېرىۋالغان كوسوۋا پۇقرالىرىنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن بۇيان سېربىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ كەتكەن كوسوۋا پۇقرالىرى سانىنىڭ 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھېچ بىر دۆلەت كوۋوسا پۇقرالىرىنىڭ پاناھلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلماي كەلمەكتە ۋە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى بايقالغان كوسوۋا پۇقرالىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قايتا كىرىشىنى مەنئىي قىلماقتا.
كوسوۋا رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئازا دۆلەتلەر ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيىتى ئەپۇ قىلىنمىغان بىردىن - بىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى.