ناتو ئۇكرائىناغا ھەر يىلى 40 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇكرائىناغا ھەر يىلى كەم دېگەندە 40 مىليارد ياۋرو ھەربىي ياردەم بېرىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي لايىھەلەر تەكلىپىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2153114
ناتو ئۇكرائىناغا ھەر يىلى 40 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى، ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ناتوغا ئەزا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، يېڭى پىلاننىڭ بۇ قوللاشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا يىللىق ھەربىي ياردىمىنىڭ 40 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىپ، ئۇكرائىنا ئېھتىياجلىق بولغان ھامان ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر