دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى ئابدۇررەئۇف ئۆلتۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى موللا ئابدۇررەئۇف ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلدى.

215059
دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى ئابدۇررەئۇف ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ئۆلكىسىدە قورال – ياراغ ۋە پارتلاتقۇچلار يۈكلەنگەن ماشىنىسى بومباردىمانغا ئۇچرىغان موللا ئابدۇررەئۇف بىلەن بىرلىكتە 6 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلدى.

تالىباننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان موللا ئابدۇررەئۇف، ئۆتكەن يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا بەيئەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تالىبان تەرىپىدىن ‹كاپىر› ئېلان قىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلگەنىدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئافغانىستاندا دائېشنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىش مەقسىتىدە تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.

موللا ئابدۇررەئۇف 2001- يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ گۇانتاناموغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇ يەردە 6 يىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتۇرۇلغانىدى. 2007- يىلىدىن باشلاپ بىرلەشمە كۈچلەر ۋە ئافغانىستان ئارمىيەسىگە قارشى تالىباننىڭ ھېلماند ئۆلكىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئابدۇررەئۇف، بۇ جەرياندا جەڭچى توپلاشنى باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر