قىرىمغا ناھايىتى چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىدۇ

رۇسىيە بىلەن قىرىم ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىدۇ.

204276
قىرىمغا ناھايىتى چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلتۇر ئىشغال قىلىۋالغان قىرىم بىلەن رۇسىيەنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇشى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك كارخانىچىلىرىدىن بىرىگە ھۆددىگە بېرىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان ئاركادىي روتېنبېرگ، پۇتىنىڭ ھەم بالىلىق دەۋرىدىكى ھەم جۇدو تەنتەربىيەسىدىكى دوستى ئىكەن.
قايسى نۇقتىغا سېلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق تېخىچە مەلۇمات بېرىلمىگەن كۆۋرۈكنىڭ 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
قۇرۇلۇشنىڭ 2018 – يىلى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان كارخانىچىلار تىزىملىكىدە روتېنبېرگمۇ بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر