لىۋان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
لىۋان، 28 – يانۋار كۈنى جەنۇبىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزنامىدە، «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى» دېيىلدى. ئەرزنامىدە يەنە، ھۇجۇم توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئالدىنقى كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەبئە ئېكىنزارلىقىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ھىزبۇللاھنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى. ئىسرائىلىيە بولسا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى چېگرا نۇقتىلىرىغا زەمبىرەك ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىن بىر ئەسكەر قازا قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718443247)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.