بىرمادا 20 مۇسۇلمان ناھەق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
بىرما ھۆكۈمىتى 20 مۇسۇلماننى يېتەرلىك پاكىت تېپىلمىغان بولۇشىغا قارىماي «تېررورىزم بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگەن گۇمان بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىش ۋە قورال ساقلاش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن 4 نەپىرى ئايال جەمئىي 20 مۇسۇلمان 7 يىل بىلەن 14 ئارىسىدا ھەر خىل قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئادۋوكات تېئىن شۋې بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، گۇماندارلارنىڭ تېررورىزم بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بارلىقىغا دائىر يېتەرلىك پاكىت تېپىلمىغان بولۇشىغا قارىماي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «بۇ قاماق جازالىرى ئادىل ئەمەس، پەقەت بىر ساقچىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن چىقىرىلغان پاكىت، بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مەزكۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتكەن ئاۋغۇست ئېيىدا شان ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدا تويغا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مەمۇرىي ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىدىن كېيىن دىن مەركەزلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان بىرمادا كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان 280 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، يۈزلەرچە ئۆي – ماكان ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن 140 مىڭ ئادەم ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![رۇسىيەدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ 8 كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/70c1/8ff7/2e34/57c16f184935a.jpg?time=1719303434)
رۇسىيەدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ 8 كىشى قازا قىلدى
رۇسىيەنىڭ فريازىنو شەھىرىگە جايلاشقان بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 8 كىشى قازا قىلدى