شىمالىي كورېيە: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا بىرىنچى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى – CIA نىڭ قىيىن – قىستاققا ئېلىش ئۇسۇللىرىغا ئالاقىدار دەتالاشلارغا شىمالىي كورېيەمۇ قېتىلدى.
145675
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى، ئۆزلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن خەلقئارا جەمئىيەتنى قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خەۋەردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا دۇنيادا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
خەۋەردە يەنە، قارا تەنلىك پۇقرالارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىش، تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى قىيىن – قىستاققا ئېلىش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىدىن تارتىپ دۇنيادىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى يوشۇرۇنچە تىڭشاش قاتارلىقلار ھەق – ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.