150 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتتى

«FBI» مەسئۇللىرى بىر تۈركۈم ۋەتەنداشلارنىڭ «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن تېررولۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

198564
150 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش باشقارمىسى «FBI» 150 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش باشقارمىسى «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قاتتىق رازۋېتقا قىلىشنى باشلدى.
«FBI» مەسئۇللىرى بىر تۈركۈم ۋەتەنداشلارنىڭ «ئى ش ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن تېررولۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما زادى قانچە كىشىنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا پالاتاسىدىمۇ «ئى ش ئى د»غا قارشى سادالار بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
سايلامدىن كېيىن پالاتادا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر، ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەشتە ئورتاق ھەرىكەت قىلالمايۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەشتە شىمالىي ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈتى باشلىقى مەسۇت بارزانىغا يېتەرلىك ياردەم بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
بارزانى «بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىشنى خالايتتۇق، ئەمما ھازىرغا قەدەر قىلىنغان ياردەملەر بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز ۋە كۈتكىنىمىزدىن ئىنتايىن تۆۋەن» دېدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر