ئامېرىكا كونگرەسىدە مۇھىم سايلام ئۆتكۈزۈلدى

رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر كونگرەنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولدى.

183009
ئامېرىكا كونگرەسىدە مۇھىم سايلام ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقى 435 ئەزاسى بولغان ئاۋام پالاتا، كېڭەش پالاتاسىدىكى 36 ئورۇن، 38 ئىشتاتنىڭ ۋالىيسى ۋە ئىشتات پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. سەككىز يىلدىن بۇيان دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئورۇندىن 36 سى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، دېموكراتلار 11، جۇمھۇرىيەتچىلەر 22 ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا دېموكراتلار 45، جۇمھۇرىيەتچىلەر 52 ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. بۇرۇندىنلا 435 ئەزاسى بولغان ئاۋام پالاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر ئەزا سانىنى ھازىرقى 233 تىن 244 كە چىقاردى. دېموكراتلار بولسا، 180 دە قالدى.
بۇ قېتىمقى سايلاملار ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ قىممەتكە توختىدى. نامزاتلار سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە 4 مىليارد دوللار چىقىم قىلىپ، رېكورت ياراتتى. خەلقنىڭ %40 قوللىشىغا ئېرىشكەن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا، كونگرە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولىدۇ. سۈرىيە، ئىراق مەسىلىلىرىدە يولغا قويغان تاشقى سىياسەت، رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ئىجرا قىلغان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ئوباما، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر ئىككى قانىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا بولغان كونگرە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
خەۋەرلەردە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كونگرەدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ئىگە قانۇن لايىھەلىرىنى چىقىرالمايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر