ئافغانىستان خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى

خىتاي، دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق مۇساپىسى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.

176308
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ غەربىي شىمالدىكى قوشنىسى ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئەھمەدزاي بۇ دائىرىدە بېيجىڭدا چاقىرىلغان «ئىستانبۇل مۇساپىسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئافغانىستانغا ئىئانىدىن سىرت كەسپىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇش پۇلى بولۇپ ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە 330 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئىگىلىنىشىچە، 3500 ئافغانىستان پۇقراسى مەزكۇر تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇش پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنىڭ قوشنا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ ئافغانىستاندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئافغانىستان خەلقى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەھمەدزاي بولسا، دۆلىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىئانە ئەمەس، مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلالىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەشرەف غېنى ئەھمەدزاي، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايون شۇنداقلا ئافغانىستاندا تىنچلىق، باياشاتلىق ۋە مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن پائال ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر