«ئى ش ئى د غا بېرىلىۋاتقان مالىيە ياردىمى توختىتىلىشى لازىم»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى غەرب ئەللىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «خەلقئارا بىرلەشمە ئالدى بىلەن ئى ش ئى د گە بېرىۋاتقان مالىيە ياردىمىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.

165982
«ئى ش ئى د غا بېرىلىۋاتقان مالىيە ياردىمى توختىتىلىشى لازىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئى ش ئى د گە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان غەرب ئەللىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرلەشمە تەشكىل قىلغانلار، ئالدى بىلەن بۇ گۇرۇپپىلارغا بېرىۋاتقان مالىيە ياردىمىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادىنىڭ تېھراندا ئېلىپ بارغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئەسناسىدا سۆز قىلغان رۇھانى، ئىراققا ئىككىلەنمەستىن ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادى، ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئىرانغا قارىتىشىنىڭ «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقى» نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراننىڭ تېررورچىلارغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبادى، «تېررورىزم پۈتۈن رايون ئەللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىمۇ «باشتىن تارتىپلا تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىراق ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىراققا ياردەم قىلىشتا قەتئىي ئىككىلەنمەيدۇ» دېدى ۋە بۇ كۈرەشتە ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ يەنە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا «پەرقلىق مەزھەپ ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىراق خەلقى قانچىلىك كۆپ بىرلىشەلىسە، ئۇتۇققا ئېرىشىشىمۇ شۇنچىلىك كۈچىيىدۇ» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.
رۇھانى غەرب ئەللىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرلەشمە تەشكىل قىلغانلار ئالدى بىلەن بۇ گۇرۇپپىلارغا بېرىۋاتقان مالىيە ياردىمىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر