پىرېزىدېنت كىم جوڭ ئۇندىن 3-سىنتەبىردىن بۇيان خەۋەر يوق

شىمالىي كورىيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭ ئۇن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى.

155262
پىرېزىدېنت كىم جوڭ ئۇندىن 3-سىنتەبىردىن بۇيان خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭ ئۇندىن 3-سىنتەبىردىن بۇيان خەۋەر يوق.
31 ياشلىق شىمالىي كورىيە پىرېزىدېنتى 3-سىنتەبىردە پايتەخت پىيوڭياڭدا بىر كونسرېتقا قاتناشقانىدى. ياش پىرېزىدېنتنىڭ 5 ھەپتىلىك پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىگە قاتناشماسلىقى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
شىمالىي كورىيەدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر تالاش-تارتىشلار يۈز بەردى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىسى سۇسان رايىس مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ھاكىمىيەت ئالماشقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدۇق. بىز ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز.»
ئاگېنتلىقلار شىمالىي كورىيەدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر تالاش-تارتىشلاردىن باشقا، كىم جوڭ ئۇننىڭ پۇتىدىن مەسىلە چىققانلىقىغا خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماقتا. كىم جوڭ ئۇن 3 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە 23 كۈن ئېز-دېرەكسىز غايىپ بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر