ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا خىتاب قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېن پىساكىنىڭ بۇنى «ئۈمدىسىزلىك» دەپ ئاتاپ ئېلان قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

144761
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا خىتاب قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېن پىساكىنىڭ بۇنى «ئۈمدىسىزلىك» دەپ ئاتاپ ئېلان قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەرەبىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى مۇھەممەد سابىھ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتابىغا تۇتقان پوزىتسىيەدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان سابىھ، «ئابباس ئالىيلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە قىلغان خىتابىدا، تىنچلىق ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم توغرۇلۇق توختالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا پەلەستىن ئىچىدە داۋاملىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى. جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قىلغان سۆزىدىمۇ ئەرەب تىنچلىق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم چارىسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە غەيرەت كۆرسەتتى» دېدى.
مۇزاكىرىلەر جەريانىدا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىلىرىنىڭ 6 ھەسسە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان سابىھ، قۇددۇستا ۋەيران قىلىش ۋە ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، نارىسىدە بالىلارنىڭ قەتلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، غەززەنىڭ بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. «شۇنداقتىمۇ مەھمۇد ئابباس مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىشتا چىڭ تۇردى» دېگەن سابىھ، مەھمۇد ئابباسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلىش ئارقىلىق پەلەستىن پەلەستىن خەلقى بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس. جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار دەۋاتقانلار مىڭلارچە خەلقىمىزنىڭ قەتلە قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، جۈملىدىن پەلەستىن خەلقىنىڭ جېنىمۇ باشقا ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر. مەن بۇ يەرنى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. پەلەستىن خەلقى نامىدىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى: ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز، كەچۈرمەيمىز ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جازاسىز قېلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز.» دېگەنىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېن پىساكى بولسا مەھمۇد ئابباسنىڭ باياناتلىرىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقلىرى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر