لىۋاندا ماشىنا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ھىزبۇللاھنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بەقا رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
133446
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بەقا رايونىدا ھىزبۇللاھ (ئاللاھ پارتىيەسى) قا تەۋە بىر تەكشۈرۈش پونكىتى ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇمدا كەم دېگەندىمۇ 3 نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسى ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.
3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش لىۋاننىڭ مۇقىملىقىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.