راسمۇسېن: تۈركىيە ناتودا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى راسمۇسېن، تۈركىيەنىڭ ناتودا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

127303
 راسمۇسېن: تۈركىيە ناتودا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى راسمۇسېن، تۈركىيەنىڭ ناتودا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
راسمۇسېن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «قاچانلا ئېھتىياجىمىز چۈشسە تۈركىيە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە ھەم ھەسسە قوشماقتا» دېدى.
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە پىدائىيلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن راسمۇسېن، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق بىر تەلەپ يوق» دېدى.
راسمۇسېن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر دۆلەت ئەمەس، ئەكسىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى مەزھەپچىلىكنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، تېررورىزم ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا، ھەربىي مۇداخىلىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر