ئەنگلىيە خانىشى  مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ھەققىدە توختالدى

ئەنگلىيە خانىشىنىڭ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ھەققىدە دېگەنلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى.

126352
ئەنگلىيە خانىشى  مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە خانىشى 2-ئېلزابىتنىڭ شوتلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا تۆت كۈن قالغاندا بايانات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن Sky Newsنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە كۆرە، خانىش ئىككىنچى ئېلزابىت، ھەپتە ئاخىرى قاتناشقان بىر پائالىيەتتە بىر يېقىنىغا «خەلقنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئەستايىل ئويلىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. خانىشنىڭ بۇ سۆزنى رېفېراندۇمغا تۆت كۈن قالغاندا دېيىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئىلگىرى ھەر قايسى تاراتقۇلاردا شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىگە قارشى چىققانلارنىڭ خانىشنىڭ ئۆزلىرىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، بىراق خانىشنىڭ بىتەرەپ بولۇشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر